تارىختىكى بۈگۈن: 25– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1365682
تارىختىكى بۈگۈن: 25– فېۋرال

بۈگۈن 2020 – يىلى، 25– فېۋرال، سەيشەنبە.

1986 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىلىپپىندا 20 يىللىق فېردىناند ماركوس دىكتاتورلۇقى ئاخىرلاشتى. دۆلەتتە ئورناتقان مۇستەبىت تۈزۈم ۋە چىرىكلىكى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ماركوس، سايلامدا ئۆكتىچى رەھبەر كورازون ئاكۇنونىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قېلىشى تۈپەيلى دۆلەتتىن قېچىپ، ھاۋايىغا ئورۇنلاشتى. كېيىنچە قولغا كەلتۈرۈلگەن دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، ماركوس ئائىلىسى ۋە يېقىن – يورۇقلىرى چىرىكلىك ئارقىلىق دۆلەتنى مىلياردلارچە دوللار زىيانغا ئۇچراتقان.

1994 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پەلەستىننىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىدا «ئىبراھىم جامەسى قەتلىئامى» يۈز بەردى. بىر يەھۇدىي كۆچمەننىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 29 پەلەستىنلىك ئۆلدى، 125 ى يارىلاندى. كېيىنچە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىمۇ 26 پەلەستىنلىك ئۆلدى.

2000 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانت كارلوس سانتانا 8 « Grammy مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇ مايكېل جاكسوننىڭ « Thriller» ناملىق ئالبۇمى بىلەن بۇزۇپ تاشلىغان رېكورتنى يېڭىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر