تارىختىكى بۈگۈن: 19 – فېۋرال
«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2020 – يىلى 19 – فېۋرال
1915 – يىلى 19 - فېۋرالدا، 1 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇشى چاناققەلئە بۇغۇزىدا باشلانغان ئىدى. چاناققەلئە ئۇرۇشى ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقان بىرلەشمە تاجاۋۇزچى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى، چاناققەلئە بوغۇزىنى قوغداۋاتقان ئوسمانلى توپچى قىسىملىرى تۇرۇشلۇق جايلارنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.
1959 – يىلى 19 - فېۋرالدا، تۈركىيە گېرىتسىيە ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا مۇستەقىل قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان لوندون ئەھدىنامىسى ئىمزالانغان ئىدى. تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرىتسىيە قىبرىس دۆلىتىگە كاپالەتچى دۆلەتلەر بولۇپ بەلگىلەنگەن ئىدى.
1986 – يىلى 19 – فېۋرالدا، «MİR» ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى مودىلى سوۋىت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئىچىدە داۋاملىق ئىنسانلار ياشايدىغان ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ئىستانسىسى بولغان «MİR» نىڭ ۋەزىپىسى 2001 – يىلى 23 – مارتتا ئاخىرىلاشقان ئىدى.
1992 – يىلى 19 – فېۋرالدا، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كۈن تۈركمەنىستاندا ھەر يىلى بايراق بايرىمى كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە. 19 – فېۋرال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈركمەنىستاننىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ساپار مۇرات تۈركمەنباشىنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...