تارىختىكى بۈگۈن: 14 – يانۋار

بۈگۈن 2020 – يىلى 14 – يانۋار - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1340116
تارىختىكى بۈگۈن: 14 – يانۋار

■ 1938 – يىلى  14 – يانۋاردا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)، تۈركىيە، ئىران، ئىراق ۋە ئافغانىستان ئارىسىدا 1937 – يىلى ئىمزالانغان ساداقەت ئەھدىنامىسىنى ماقۇللىدى. ساداقەت ئەھدىنامىسى كېلىشىمگە تەرەپ بولغان باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ماقۇللىشى بىلەن 1938 – يىلى 25 – ئىيۇندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

 

 

■ 1943 – يىلى  14 – يانۋاردا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتتىپاقداش كۈچلەر كازابلانكا قۇرۇلتىيىدا ئۇچراشتى. فرانكلىن روزۋېلت، ۋىنستون چۇرچىل ۋە چارلېس دې گۇالې سىجىلىياغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا كېلىشتى. ئىتتىپاقداشلار تۈركىيەنىڭمۇ ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن بېسىمنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

 

■ 2011 – يىلى  14 – يانۋاردا تۇنىستا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىشى بىلەن باشلانغان قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە پىرېزىدېنت زەينەلئابىدىن بىن ئەلى دۆلىتىدىن قېچىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاناھلىق تەلەپ قىلدى. تۇنىستا باشلانغان خەلق قوزغىلىڭى «ئەرەب باھارى» دەپ ئاتالغان مۇساپىنىڭمۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. دۆلىتىدە ئۆزى يوق ھالەتتە سوتلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان زەينەلئابىدىن بىن ئەلى 2019 – يىلى 19 – سېنتەبىردە جىددەدە ۋاپات بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر