تارىختىكى بۈگۈن: 05.01.2020
«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
![تارىختىكى بۈگۈن: 05.01.2020](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6cc3/df04/7b3b/5dc7bfa13b2ef.jpg?time=1718404704)
بۈگۈن 2020 – يىلى 05 – يانۋار.
1895 – يىلى 5 – يانۋاردا دۇنيا ئەدلىيە تارىخىدىن ئۆزگىچە ئالغان «درېيفۇس دېلوسى» ئاخىرىلاشقان ئىدى. سوت مەھكىمىسى گېرمانىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن يۈز بېشى ئالفرېد دىرېفۇسنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلاپ تۈرمىگە يوللىغان ئىدى. درېفۇسنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن يازغۇچى ئەمىلا زولانىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتىغا خىتابەن يازغان «ئەيىبلەيمەن» تېمىلىق مەكتۇبى بىلەن پۈتۈن فىرانسىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان بۇ دېلو قايتىدىن تەكشۈرۈلگەن ئىدى. فىرانسىيەدە يوھۇدىيلارغا قارشى كۈتۈبلىشىشنى كەلتۈرپ چىقارغان بۇ دېلو 8 يىلدىن كېيىن دىرېيفۇسنى قويۇپ بېرىش بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى. دىرېفۇسقا «Legion d’honneur» مېدالىيونى تەقدىم قىلىنغان، مىڭ بېشىغا ئۆستۈرۈلگەن ۋە ئۇ فىرانسىيە ئارمىيەسىگە قايتىدىن قېتىلغان ئىدى.
()
1919 – يىلى 5 – يانۋاردا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ۋېسمار جۇمھۇرىيىتىدە، يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇلغان بولۇپ، گېرمانىيەلىك ئىشچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ پارتىيەگە كېيىنچە «خەلق سوتسىيالىستىك گېرمانىيە ئىشچىلىرى پارتىيەسى» دەپ ئىسىم قويۇلغان ۋە ئادولۇف گىتلېر پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى.
1968 – يىلى 5 – يانۋاردا ئالېكساندېر دۈبچەك چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئىسلاھاتچى بولۇپ تونۇلغان دۇپچەك چېخوسلوۋاكىيەدىكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى تاشلىغان ئىدى. بۇ قەدەملەر نەتىجىسىدە «فىراگ باھارى» دەپمۇ تارىخقا ئۆتكەن بىر دەۋر باشلانغان ئىدى. سوۋىت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ۋارشوۋا ئەھدىنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر دۈبچەكنىڭ ئىسلاھات پىروگراممىسىغا جاۋابەن چېخوسلوۋاكىيەنى بىرلىكتە ئىشغال قىلىۋېلىشقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1718404704)
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...