تارىختىكى بۈگۈن: 02.01.2020
«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2020 – يىلى 02 – يانۋار.
1951 – يىلى 2 – يانۋاردا، تۈركىيەمۇ قۇرغۇچىسى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى بولغان ئىدى. تۈركىيە ئاندىن 1954 - ۋە 1961 – يىلللىرىدىمۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى بولدى. 2009 – ۋە 2010 يىللىرىدا بولسا، ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ، يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.
1975 – يىلى 2 – يانۋاردا تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت دائىرىسىدىكى رادىيولار، «ت ر ت 1»، «ت ر ت 2» ۋە «ت ر ت 3» ناملىق ئۈچ ئايرىم قانالدىن تارقىتىشنى باشلىغان ئىدى.
1971 – يىلى 2 – يانۋاردا، پۇتبول تارىخىغا «ئىبرەكس پاچىئەسى» دەپ قەيت قىلىنغان ۋەقە، شوتلاندىيەنىڭ ئىككى چوڭ پوتبۇل كولۇبى «Glasgow Rangers» بىلەن «Celtic» ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدا يۈز بەرگەن ئىدى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا تەرەبدارلار ئوتتۇرىسىدا چىققان مالىمانچىلىقتا، قىستى – قىتاڭچىلىق سەۋەبىدىن 66 كىشى ئۆلگەن ۋە 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.
2016 – يىلى 2 – يانۋاردا ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆلۈم جازاسى سەۋەبىدىن قايتا يەنە بىر قېتىم زىددىيەتلەشكە چۈشكەن ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 57 ياشلىق شىئە دىنىي زات ئايەتۇللاھ نىمىر ئەل بەكىر نىمىر سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى بۇنىڭغا قارىتا ئىراننىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تېھراندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا نامايىشچىلار ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...