تارىختىكى بۈگۈن: 05.12.2019
«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2019 – يىلى 05 – دېكابىر.
1791 – يىلى 5 – دېكابىردا، ئاۋستېرىيەلىك مۇزىكانت ۋولفگاڭ ئامادېئۇس موزارت ۋىيانادا ۋاپات بولغان ئىدى. موزارت 35 يىللىق قىسقا ھاياتىدا 626 ئەسەر قالدۇرغان ئىدى.
1901 – يىلى 5 – دېكابىردا، دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق قورچاق فىلىم ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە رىژىسسور ۋالت دىسنېي ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى.
1934 – يىلى 5 – دېكابىردا، تۈركىيەدە ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇ قانۇن ئارقىلىق 22 ياشقا تولغان ئاياللارغا ئاۋاز بېلىتى تاشلاش ھوقۇقى ۋە 30 ياشقا كىرگەن ئاياللارغا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى. 1935 - يىلى 8 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا، 18 ئايال پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دا ئورۇن ئالغان ئىدى.
1951 – يىلى 5 – دېكابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە كۆچمەنلىك ئىشلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلات پاناھلانغۇچىلارنى يېڭى بىرەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆزى خالاپ قايتىپ كېتىدىغانلارغا ياردەم قىلىش، كۆچمەنلەرنىڭ سالامەتلىكى، پۇل يوللاش ۋە قانۇنلۇق كۆچمەنلىكنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە پائالىيەت قىلماقتا.
2013 – يىلىى 5 – دېكابىردا، ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋوللاشقان قەھرىمانى شۇنداقلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك دۆلەت رەئىسى نېلسون ماندېلا ۋاپات بولغان ئىدى.
2016 – يىلى 5 – دېكابىردا، تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى كۆزى، « GÖKTÜRK-1» سۇنئىي ھەمراھى فىرانسىيەنىڭ گۇياناسى بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...