تارىختىكى بۈگۈن: 22 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1310532
تارىختىكى بۈگۈن: 22 – نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 22– نويابىر، جۈمە.

  • 1906 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىيو – تېلېگراف ئەھدىنامىسى يىغىنىدا، « S.O.S» سىگنالى خەۋپلىك ئىشارىتى سۈپىتىدە رەسمىي قوبۇل قىلىندى.
  • 1940 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالقان رايونىغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن كېيىن ئىستانبۇل، كوجائەلى ۋە تراكيا ۋىلايەتلىرىدە «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلدى.
  • 1963 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 35 – پىرېزىدېنتى جون ف. كېننېدى داللاس شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلدى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ ياردەمچىسى لىندېن جونسون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 36 – پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. كېننېدىغا سۇيىقەست قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان لې ھارۋېي ئوسۋالدمۇ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن جاك رابى ئىسىملىك زوراۋان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
  • 1968 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە تۇنجى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئەنقەرەدە دوختۇر كامال بەيازىت تەرىپىدىن قىلىندى، بىراق «ماۋىش قاراقۇرت» ئىسىملىك بىمار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن پەقەت 18 سائەتلا ئۆمۈر كۆرەلىدى.
  • 1975 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە،  ئىسپانىيەدە  قايتىدىن مونارخىيەلىك تۈزۈم  يولغا قويۇلدى. دون جۇئان كارلوس ئىسپانىيە پادىشاھى بولدى.
  • 2005 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئانگېلا مېركېل پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىشەنچ سايلىمى» دا، باش مىنىستىرلىققا سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ گېرمانىيەنىىڭ ئەڭ ياش، تېگى شەرقىي گېرمانىيەلىك تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى بولۇپ قالدى.
  • 2010 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كامبودژادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر فېستىۋالدا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا 378 كىشى ئۆلدى، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى.
  • 2017 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى «بوسنىيە جاللىتى» دەپ ئاتالغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنالىق سېربىيەلىكلەرنىڭ قوماندانى راتكو ملادىچقا، «سرېبرېنىتسا قەتلىئامى» نى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر