تارىختىكى بۈگۈن: 19 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1308849
تارىختىكى بۈگۈن: 19 – نويابىر
  • يىل 1902، 19-نويابىر...
  • بۈيۈك سەلچۇقىيلار ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ھۆكۈمدارى مەلىكشاھ باغدادتا ۋاپات بولدى.
  • 1900-يىلى19-نويابىر ئەنگلىيەدە سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان 119 ئايال نامايىشچى ئاۋام پالاتاسىغا مەجبۇرىي كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلدى.
  • 1923-يىلى 19-نويابىر 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىرىزىسقا پاتقان گېرمانىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولدى. گېرمانىيە پۇل بىرلىكى ماركنىڭ قىممىتى پاخاللاشتى. 1 دوللار 4.2 تىرىلىيون مارك بولدى.
  • 1938-يىلى 19-نويابىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مېيىتى خەلقنىڭ كۆز يېشى بىلەن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە ئۇزىتىلدى.
  • 1967-يىلى 19-نويابىر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قىبرىستا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە چەت ئەلگە ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقىنى بەردى. تۈركىيە ھەربىي پاراخوتلىرى جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. ئەنقەرەدىكى 28-دېۋىزىيە ئىسكەندېرۇنغا قاراپ ھەرىكەت قىلدى.
  • 1977-يىلى 19-نويابىر پورتۇگالىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى مادېرادا چۈشۈپ كەتتى. 130 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1984-يىلى 19-نويابىر ئەرمەن تېررورىستلىرى ۋىيېننادىكى ب د ت ئىشخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تۈركىيە دىپلوماتى ئەنۋەر ئەرگۇننى شېھىت قىلدى.
  • 1985-يىلى 19-نويابىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رونالد رېگان (Ronald Reagan) بىلەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مىخايىل گورباچېۋ تۇنجى قېتىم جەنۋەدە كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن، ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللارنى %50 ئازايتىشنى قارار قىلدى.
  • 1994-يىلى 19-نويابىر خالىل مۇتلۇ دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىدا يەتتە قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
  • 1997-يىلى 19-نويابىر ئامېرىكادا بوببى م ج كوھى (Bobbi McCaughey) يەتتە كېزەك تۇغدى. بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىملىق يەتتە كېزەكنىڭ تۇغۇلۇشى بولۇپ يېزىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر