تارىختىكى بۈگۈن: 12 – نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 12 – نويابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1304874
تارىختىكى بۈگۈن: 12 – نويابىر

■ 1926 – يىلى  12 – نويابىردا  ئەنگلىيەدە ھۆكۈمەت كانچىلار بىلەن كېلىشتى؛ شۇنىڭ بىلەن، ئالتە ئاي داۋاملاشقان ئىش تاشلاش ئاخىرلاشتى.

■ 1927 – يىلى  12 – نويابىردا  ئىستالىن كوممۇنىست پارتىيەدە ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزدى؛ تروكچى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

■ 1948 – يىلى  12 – نويابىردا  توكيودا قۇرۇلغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى مەھكىمىسى، ياپونىيەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا باشلاپ كىرگەن 25 گۇماندارنىڭ ئىككىسىنى ئۆلۈم جازاسىغا، 16 نەپىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

■ 1969 – يىلى  12 – نويابىردا جەۋدەت سۇناي سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغان تۇنجى تۈرك جۇمھۇر رەئىس بولدى.

■ 1969 – يىلى  12 – نويابىردا  ئامېرىكىلىق پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ژۇرنالىست سېيمور ھېرش ۋىيېتنامدىكى ماي لائى قەتلىئامىنى دەلىللەپ چىقتى؛ قەتلىئامدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 گە يېقىن پۇقرانى ئۆلتۈرگەنىدى.

■ 1996 – يىلى  12 – نويابىردا  سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن بىر يۈك ئايروپىلانى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىگە يېقىن جايدا سوقۇلۇپ كەتتى؛ قازادا 349 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1998 – يىلى  12 – نويابىردا  تۈركىيەنىڭ ئۇدا ئىز قوغلىشى نەتىجىسىدە رۇسىيەدىن ئىتالىيەگە قاچقان تېررورچىلار كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالان روما ئايرودۇرۇمىدا يالغان پاسپورت بىلەن قولغا چۈشۈرۈلدى.

■ 1999 – يىلى  12 – نويابىردا  17 – ئاۋغۇست يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ جاراھەتلىرىگە مەلھەم سۈركەشكە تىرىشىۋتقان تۈركىيە، بولۇ، دۈزجە ۋە قايناشلىدا يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش بىلەن يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە كەلدى؛ يەر تەۋرەشتە 15 مىڭدىن ئارتۇق بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، 845 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى ۋە 4948 ئادەم يارىلاندى.

■ 2001 – يىلى  12 – نويابىردا  نيۇ يوركتىكى جون كېنندي ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچقۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى چۈشۈپ كېتىپ، 265 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 2017 – يىلى  12 – نويابىردا  ئىراقنىڭ ئىران چېگراسىدا 7.3 بال يەر تەۋرىدى؛ يەر تەۋرەشتە ئىراق ۋە ئىراندا بولۇپ جەمئىي 348 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 6 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر