تارىختىكى بۈگۈن: 9 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1303148
تارىختىكى بۈگۈن: 9 – نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 9– نويابىر، شەنبە.

  • 1936 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە چاناققەلئە بوغۇزلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھەق – ھوقۇقلىرى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان «مونترۆ  بوغۇزلار كېلىشىمى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە بوغۇزلىرىدىن پۇقراۋى ۋە ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئورنىتىلدى. بوغۇزلار رايونىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى تامامەن تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
  • 1938 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيەدە ناتسىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى «كىرىستال كېچىسى» دەپ بىلىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمى باشلاندى.  ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇملار جەريانىدا پەقەت بېرلىندىلا 7 مىڭ دۇكان بۇلاڭ – تالاڭ قىلىندى، كۆپ ساندا يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلدى. گېرمانىيە مىقياسىدا بولسا 200 دىن ئارتۇق چېركاۋغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.
  • 1985 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گارى كاسپاروۋ ئاناتولى كارپوۋنى يېڭىپ، «دۇنيا شاخمات چېمپىيونى» بولدى. ئۇ، بۇ ئۇنۋانىنى ئۇدا 15 يىل دۋاملاشتۇردى.
  • 1989 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ساياھەت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىدىن كېيىن، مىڭلارچە كىشى «بېرلىن تېمى» دىن ھالقىپ، گېرمانىيە فېدېراتسىيسىگە ئۆتۈشكە باشلىدى.
  • 1933 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يۇگوسلاۋىيە ئىچكى ئۇرۇشى جەريانىدا خىرۋاتلار تارىخىي «موستار  كۆۋرۈكى» گە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە كۆۋرۈك پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان بۇ كۆۋرۈك، 1566 – يىلى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مەزگىلدە سېلىنغانىدى. تارىخىي كۆۋرۈك تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا 2004 – يىلى رېمونت قىلىنىپ، قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.
  • 2016 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى دونالد ترامپ غەلىبە قىلدى. باراك ئوبامادىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ترامپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتى بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر