تارىختىكى بۈگۈن: 4 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1299959
تارىختىكى بۈگۈن: 4 – نويابىر
  • يىل 1909، 4-نويابىر...
  • ئىستانبۇل-باغداد تۆمۈر يولى دائىرىسىدە توققۇز يىلدا قۇرۇلۇشى تاماملانغان ھايدارپاشا پويىز ئىستانسىسى مۇراسىم بىلەن ئېچىلدى. گېرمانىيەلىك قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى ئوتتو رىتتېر (OttoRitter)، ھېلمۇس كۇنو (Helmuth Cuno) تەرىپىدىن ياسالغان ئىستانسسا بىناسى «ئاسىيانىڭ دەرۋازىسى» دەپمۇ بىلىنىدۇ.
  • 1922-يىلى 4-نويابىر ئەنگلىيە ئارخېئولوگىيە ئالىمى خوۋارد كارتېر (Howard Carter) ۋە خادىملىرى پىرئەۋن تۇتانكاموننىڭ مازىرىنى تاپتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1323-يىلى ئۆلگەن پىرئەۋننىڭ مازىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراشتىن بۇرۇن تېپىلىشى، ئارخېئولوگىيە تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. پىرئەۋن تۇتانكامونىڭ ئالتۇن نىقابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مازارلىقتىن تېپىلغان تارىخىي يادىكارلىقلار (پىرئەۋننىڭ مۇمياسىدىن باشقا) قاھىرە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
  • 1933-يىلى 4-نويابىر گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۇغۇلغان سەلانىكتىكى ئۆيىگە خاتىرە لەۋھە ئاستى. لەۋھەدە «تۈرك خەلقىنىڭ ئىسلاھاتچىسى ۋە بالقاننىڭ بىرلىشىشىگە يول كۆرسەتكۈچى غازى مۇستاپا كامال بۇ ئۆيدە دۇنياغا كەلدى» دەپ يېزىلغان.
  • 1946-يىلى 4-نويابىر ب د ت غا ئەزا 37 دۆلەتنىڭ قارارى بىلەن قۇرۇلغان يۇنېسكو (ب د ت مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى) خىزمىتىنى باشلىدى. مەركىزى پارىژغا جايلاشتى.
  • 1956-يىلى 4-نويابىر سابىق سوۋىتلەر ئىتتىپاقى ئارمىيەسى 23-ئۆكتەبىر باشلانغان ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ ئىسيانىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن پايتەخت بۇداپېشتقا بېسىپ كىردى.
  • 1972-يىلى 4-نويابىر جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 5-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن 34 يىل ئۆتەپ كەلگەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان 2-جۇمھۇر رەئىس ئىسمەت ئىنۆنۈ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىنمۇ ئىستېپا بەردى.
  • 1979-يىلى 4-نويابىر ئىران ئىنقىلابىدىن كېيىن ھۇمەينى تەرەپدارى ياشلار تېھراندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، 52 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 444 كۈن داۋاملاشقان گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كىرىزىسىنىڭ باشلانغۇچى بولدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى، بىراق سەككىز ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە بىر ئىرانلىق جېنىدىن ئايرىلغان ھەرىكەت مۇۋەپپقىيەتسىز ئاخىرلاشتى.
  • 1995-يىلى 4-نويابىر 73 ياشلىق ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىزاك رابىن پەلەستىن بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى قوللايدىغانلار ئۆتكۈزگەن يىغىلىشتا ئاشقۇن ئوڭچى بىر ئىسىرائىلىيەلىكنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 2008-يىلى 4-نويابىر ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر قارا تەنلىك پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى. دېموكراتلارنىڭ نامزاتى باراك ئوباما ھۈسەيىن سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، ئامېرىكانىڭ 44-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ قالدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر