تارىختىكى بۈگۈن: 28.10.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1296154
تارىختىكى بۈگۈن: 28.10.2019

بۈگۈن 2019يىلى 28 – ئۆكتەبىر.

1636يىلى 28ئۆكتەبىردە، ئامېرىكانىڭ تۈنجى ئۇنىۋىرسىتېتى ھاراۋارد بوستون شەھىرىدە قۇرۇلغان ئىدى. 

1886يىلى 28ئۆكتەبىردە، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ھەدىيەسى شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ سېمۋوللىرى قاتارىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان «ئازادلىق ھەيكىلى» نىيۇ يورك دېڭىزىدىكى لىبېرتىي ئارىلىغا تېكىلگەن ئىدى.

1923يىلى 28ئۆكتەبىردە، غازى مۇستاپا كامال پاشا چانكايا سارىيىدا بەرگەن كەچلىك زىياپىتىدە بەزى پارلامېنت ئەزلىرىغا «جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىمىز» دېگەن ۋە يېڭى قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ جۇمھۇرىيبەت تۈزىمى بولىدىغانلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەر بەرگەن ئىدى. مۇساپتا كامال پاشا ۋە ئىسمەت ئىنۆنۆ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا «تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت شەكلى جۇمھۇرىيەتتۇر» دېگەن ماددىنى كىرگۈزۈشكە كېلىشكەن ئىدى.

1928يىلى 28ئۆكتەبىردە، سېربىيە كرودىيە ۋە سىلوۋېنىيە دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

1938يىلى 28ئۆكتەبىردە، ئەنقەرە رادىيوسى سىھھىيەدىكى تارىخىي بىناسىدا تارقىتىش باشلىغان ئىدى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15خاتىرە يىلىغا ئۇدۇللانغان ئېچىلىشى ئۈچۈن 3 كۈن داۋاملىشىدىغان مەخسۇس تارقىتىش بېرىلگەن ئىدى.

1941يىلى 28ئۆكتەبىردە، لىتۋانىيەدە گېرمانىيە ئەسكەرلىرى 9000 دىن كۆپرەك يوھۇدىنى كاناس شەھىرى مەيدانىغا تىزىپ، ئوققا تۇتقان ئىدى.

1962يىلى 28ئۆكتەبىردە، سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبىرى نىكاتا كىرۇشچېۋ كۇبادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە شۇنىڭ بىلەن دۇنيانى يادولۇق قورال ئۇرۇشىنىڭ بوسوغىسىغا سەرەپ كەلگەن كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى ئاخىرلاشقان ئىدى. 

1984يىلى 28ئۆكتەبىردە خىتاي كوممۇنېستىك پارتىيەسى دۆلەت ئىقتىسادىنى ئوڭشاش ئۈچۈن چەكلىك ھالدا خۇسۇسىي سودا ۋە رىقابەتكە يول قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

1993يىلى 28ئۆكتەبىردە، پ ك ك تېررورچىلىرى ھاككارى ئۈزۈملۈدىكى ژاندارما چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇم چېكىندۈرۈلگەن ۋە 57 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى.

1995يىلى 28ئۆكتەبىردە، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا يۈز بەرگەن مېترو قاتناش ۋەقەىسىدە، 28 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 300 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 265 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

2009يىلى 28ئۆكتەبىردە پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، 105 كىشى ئۆلۈپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

2014يىلى 28ئۆكتەبىردە، كاراماننىڭ ئەرمەنەك ناھىيەسىدىكى سۇ بېسىۋالغان كاندا، 18 ئىشچى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر