تارىختىكى بۈگۈن: 27– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 27 – ئۆكتەبىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1295493
تارىختىكى بۈگۈن: 27– ئۆكتەبىر

■ 1492 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  كرىستوف كولومبو تۇنجى قېتىم كۇباغا قەدەم بېسىپ ئىسپانىيە نامىدىن كونتروللۇقنى قولىغا ئالدى.

■ 1806 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە ناپولىئون بوناپارت قوماندانلىقىدىكى فىرانسىيە ئارمىيەسى بېرلىننى قولغا كىرگۈزدى.

■ 1922 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  ئىتالىيەدە بېنىتو مۇسسولىنى رەھبەرلىكىدىكى فاشىست قوراللىق كۈچلەر (قارا كۆينەكلىكلەر) ناپولىدىن روماغا قاراپ يۈرۈش باشلىدى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن روماغا يېتىپ بارغان قارا كۆينەكلىكلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.

■ 1958 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  پاكىستاننىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئىسكەندەر مىرزا، 20 كۈن ئىلگىرى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن گېنېرال - پولكوۋنىك ئەييۇپ خان تەرىپىدىن بىر قېتىملىق قانسىز ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش  ئارقىلىق ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

■ 1978 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مىسىر پىرېزىدېنتى ئەنۋەر سادات بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى مېناخېم بېگىنگە بېرىلدى.

■ 1982 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت نوپۇسىنىڭ 1 مىلياردتىن ھالقىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

■ 1991 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  تۈركمەنىستان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا سەپەرمۇرات تۈركمەنباشى تۇنجى پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

■ 1992 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خانتۇر تېغىدا باشلىغان پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 100 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

■ 1999 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى ۋازگېن ساركىسيان ۋە 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار پارلامېنتتا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلدى.

■ 2005 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  پارىژدا شىمالىي ئافرىقىلىق ئىككى مۇسۇلمان بالىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى باشلىنىپ كەتتى. دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيگەن ۋەقەلەردە 300 بىنا ۋە 10 مىڭ ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بېرىلدى. 3 ھەپتە داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا 130 ئادەم يارىلاندى.

■ 2017 – يىلى  27 – ئۆكتەبىردە  خوڭكوڭدا ياشانغانلارغا ياردەم قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان سوفىيا ئىسىملىك بىر روبوت (ماشىنا ئادەم) قا پۇقرالىق سالاھيىتى بېرىلدى. سوفىيا پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تۇنجى روبوت سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر