تارىختىكى بۈگۈن: 25– ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1294420
تارىختىكى بۈگۈن: 25– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 25– ئۆكتەبىر، جۈمە

  • 1147 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سۇلتان 1 – مەسئۇد قوماندانلىقىكى سەلچۇقىيلار  قوشۇنى گېرمانىيە پادىشاھى 3 – كونراد قوماندانلىقىدىكى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنى ئەسكىشەھىر ئەتراپىدا «دورىلېئون ئۇرۇشى» دا  تىرىپىرەن قىلىۋەتتى.
  • 1919 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋىلادىمىر لېنىن رەھبەرلىكىدىكى بولشېۋىك كۈچلەر رۇسىيەدە ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزدى.
  • 1924 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك مەشھۇر زاتلىرىدىن بىر بولغان يازغۇچى، شائىر ۋە سىياسەتچى زىيا گۆكالپ ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.
  • 1936 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئادولف گىتلېر بىلەن بېنىتو مۇسسولىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر لاگېرى قۇرغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
  • 1947 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىيەگە دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرۇپ، ئىستانبۇل ۋە چاناققەلئە بوغۇزلىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇشنى، قارس بىلەن ئارداھاننىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭمۇ تۈركىيەنى قوللىشى نەتىجىسىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1953 – يىلى ستالىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ تەلەپلىرىدىن رەسمىي ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى.
  • 1971 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىرىلىشىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.
  • 2004 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كۇبا دۆلەت رەئىسى فىدېل كاسترو دۆلىتىدە ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سودا – سېتىق قىلىنىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
  • 2009 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىغا قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 90 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 600 كىشى يارىلاندى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر