تارىختىكى بۈگۈن: 24– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 24 – ئۆكتەبىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1293739
تارىختىكى بۈگۈن: 24– ئۆكتەبىر

1857 – يىلى  24 – ئۆكتەبىردە دۇنيانىڭ ئەڭ بۇرۇنقى پۇتبول كوماندىسى شېففىېلد ف.س ئەنگلىيەدە قۇرۇلدى. كوماندا ئەزاسى پۇتبولچىلار رەقىبى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار بويىچە ئۆزئارا پۇتبول ئويناشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى.

■ 1882 – يىلى  24 – ئۆكتەبىردە گېرمانىيەلىك ئالىم روبېرت كوچ تۇبېركۇليوز (سىل) كېسىلى باكتېرىيەسىنى بايقىدى. بۇ بايقاش ئىنساننى ئۆلۈمنىڭ گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغان تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە دورا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كوچ 1905 – يىلى نوبېل فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

■ 1929 – يىلى  24 – ئۆكتەبىردە ئېغىر ئىقتىسادىي بوھراننىڭ ئاياغ تىۋىشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. نيۇ يورك پاي چېكى بازىرىدا پاي چەكلەرنىڭ قىممىتى سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلىدى.

■ 1935 – يىلى  24 – ئۆكتەبىردە گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان ئىتالىيە ئېفىيوپىيەنى ئىشغال قىلدى.

■ 1975 – يىلى  24 – ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل ئەرەز ۋە شوپۇرى تالىپ يەنەر ئەرمەن تېررورچىلار تەرىپىدىن پارىژدىكى بىر-خاكېئىم كۆۋرۈكىدە پىستىرمىغا چۈشۈرۈلۈپ شېھىت قىلىندى.

■ 2003 – يىلى  24 – ئۆكتەبىردە فىرانسىيە  بىلەن ئەنگلىيە بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان،  سۈرئىتى ئاۋازنىڭ سۈرئىتىدىن ئىككى ھەسسە تېز بولغان بىردىنبىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كونكوردې، ئۇچۇش ھاياتىغا نيۇ يورك بىلەن لوندون ئارىسىدا ئاخىرقى قېتىم قاتناش ئارقىلىق خاتىمە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر