تارىختىكى بۈگۈن: 20– ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1291021
تارىختىكى بۈگۈن: 20– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 20– ئۆكتەبىر، يەكشەنبە.

  • 1827 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن گىرېتسىيەگە مۇستەقىللىق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە گىرېتسىيەنىڭ ناۋارىن پورتىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى.
  • 1921 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ساكاريا زەپىرى»  نىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، تۈركىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارارلاشتۇرغان فىرانسىيە بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئوتتۇرىسىدا، «ئەنقەرە كېلىشىمى» ئىمزالاندى. كېلىشىم ئارقىلىق خاتايدىن باشقا تۈركىيەنىڭ ھازىرقى جەنۇبىي چېگرا لىنىيەلىرى بەلگىلەپ چىقىلدى.
  • 1954 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەدە 51 مىڭ پورت ئىشچىسى ئىش تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەتنىڭ دېڭىز سودىسى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.
  • 1957 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىمپلون پويىزى ئەدىرنە ئەتراپىدا موتورلۇق پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىپ، 89 كىشى قازا قىلدى، 108  يولۇچى يارىلاندى.
  • 1980 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گىرېتسىيە تۈركىيەنىڭ ۋېتوسىنى بىكار قىلىشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قانىتىغا قايتىدىن كىردى.
  • 1992 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پ ك ك تېررورچىلىرى بىنگۆلنىڭ سولھان ناھىيەسى ھازارشاھ يېزىسى ئەتراپىدا بىر ئاپتوبۇسنى توختىتىپ، 19 يولۇچىنى شېھىت قىلدى.
  • 2008 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 17 – 25 – دېكابىر ۋە 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشلىرى ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قارىتا سۇيىقەستلىك پىلانى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئەرگەنەكون ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى سوتى 46 سى تۇتقۇن بولۇپ، جەمئىي 86 جاۋابكارنىڭ سوتلىنىشى بىلەن ئىستانبۇلدا باشلاندى.
  • 2011 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 1969 – يىلدىن 2011 – يىلغىچە لىۋىيەنى باشقۇرغان مۇئەممەر قەززافى سىرتە شەھىرىدە ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر