تارىختىكى بۈگۈن: 15– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1288047
تارىختىكى بۈگۈن: 15– ئۆكتەبىر

■ 1836 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە پەلسەپە دۇنياسىنىڭ مۇھىم زاتلىرىدىن نېتزې گېرمانىيەنىڭ لۇتزېن شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى.

■ 1917 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە  فىرانسۇزلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە  گېرمانىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا بەزى مەخپىي ھۆججەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان گوللاندىيەلىك ئۇسسۇلچى ماتا ھارى (مارگارېتا گېئېرترۇئىدا) نىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

■ 1927 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا «نۇتۇق»نى ئوقۇشنى باشلىدى؛ نۇتۇقنىڭ ئوقۇلۇشى 6 كۈن داۋاملاشتى.

1928 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە گېرمانىيەدىن قوزغالغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ھاۋا كېمىسى زېپېلىن 111 سائەتلىك ئۇچۇشتىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇجېرسى ئىشتاتىغا يېتىپ باردى.

■ 1964 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى لىدېرى نىكىتا كرۇشچېۋ تەتىل ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلىدە ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا برېژنېۋ ئولتۇردى.

■ 1993 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى دې كلېرك بىلەن ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيى باشلىقى نېسلون مادېلاغا بېرىلدى.

■ 2003 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئىلھام ئەلىيېۋ، ئاتىسى ھەيدەر ئەلىيېۋدىن كېيىن پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

■ 2013 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە فىلىپپىندە 7.2 بال يەر تەۋرەپ 144 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 2017 – يىلى  15 – ئۆكتەبىردە سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 276 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 275 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر