تارىختىكى بۈگۈن: 29– سېنتەبىر
بۈگۈن 2019 – يىلى 29 – سېنتەبىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1547 – يىلى 29 – سېنتەبىردە «دونكىخوت» نىڭ ئاپتورى ئىسپانىيەلىك يازغۇچى مىگۇئېل دې سېرۋانتېس دۇنياغا كەلدى.
■ 1902 – يىلى 29 – سېنتەبىردە «نانا» ۋە گېرمىنال» ناملىق رومانلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچىسى ئېمىلې زولا پارىژدا ئالەمدىن ئۆتتى.
■ 1911 – يىلى 29 – سېنتەبىردە لىۋىيەنى قولغا كىرگۈزمەكچى بولغان ئىتالىيە بىلەن ئوسمان دۆلىتى ئارىسىدا ترابلۇسغەرب ئۇرۇشى باشلىدى.
■ 1913 – يىلى 29 – سېنتەبىردە ئىككىنچى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن بۇلغارىيە ئارىسىدا ئىستانبۇل ئەھدىنامىسى ئىمزالاندى. بۇلغارىيە ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن دەل شۇ كۈنى سەلانىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى.
■ 1937 – يىلى 29 – سېنتەبىردە خىتايدا مىللەتچى گېنېرال جاڭ كەيشى بىلەن بىلەن كوممۇنىست ماۋ زېدوڭ ياپونىيە تەھدىتىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى.
■ 1939 – يىلى 29 – سېنتەبىردە پولشا ئارمىيەسى گېرمانىيە ئارمىيەسى ئالدىدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى؛ ۋارشوۋا ناتسىستلارغا تەسلىم بولدى.
■ 1941 – يىلى 29 – سېنتەبىردە كىئېۋنى ئىشغال قىلغان ناتسىستلار، بابى يار قىرغىنچىلىقىنى باشلىدى. گېرمانلار ئىككى كۈندە 34 مىڭ يەھۇدىينى ئۆلتۈردى.
■ 1992 – يىلى 29 – سېنتەبىردە ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدىكى دەرەجىك ژاندارما ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلاردىن 200 ى ئۆلتۈرۈلدى؛ توقۇنۇشتا 23 ئەسكەر، 5 مۇھاپىزەتچى شېھىت بولدى.
■ 2008 – يىلى 29 – سېنتەبىردە لېھمان ئاكا – ئۇكىلارغا ئوخشاش مۇھىم شىركەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دوۋ جونېس ئېندېكسى 777 پوئىنت تۆۋەنلەپ تارىخىي رېكورت ياراتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...