تارىختىكى بۈگۈن: 14– سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1269081
تارىختىكى بۈگۈن: 14– سېنتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 14– سېنتەبىر، شەنبە.

  • 1812 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىمپېراتور ناپولېئون بوناپارت قوشۇنلىرىنى باشلاپ موسكۋاغا كىردى.
  • 1829 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا «ئەدىرنە كېلىشىمى» ئىمزالاندى.
  • 1960 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراق، ئىران، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېنېزۇئېلا «نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نى قۇردى.
  • 1982 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىلىق ئارتىس ۋە موناكو خانىكەسى گرەيس كېلى قاتناش ۋەقىسىدە قازا قىلدى.
  • 1982 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لىۋان پىرېزىدېنتى بەشىر جەمايەل بېيرۇتتا بومبا ھۇجۇمىدا  ئۆلتۈرۈلدى.
  • 2009 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل دۇنيادا «نىجىس ئۇسسۇل» فىلىمى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئاكتىيور پاترىك سۋايزې ھاياتىدىن ئايرىلدى.
  • 2008 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇراللاردىكى پېرم شەھىرى ئەتراپىدا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 88 كىشى قازا قىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر