تارىختىكى بۈگۈن: 13– سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1268629
تارىختىكى بۈگۈن: 13– سېنتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 13– سېنتەبىر، جۈمە.

  • 1521 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسپانىيەلىكلەر ئازتەك ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى تېنوچتىتلاننى ئىشغال قىلدى.
  • 1647 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىتالىيەلىك ماتېماتىكا ۋە فىزىكىشۇناس ئالىم توررىكېللى بارومېتىرنى ئىجاد قىلدى.
  • 1788 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دانىيە شىۋېتسىيەنى ئىشغال قىلدى.
  • 1921 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇدا 21 كۈن داۋاملاشقان «ساكاريا مەيدان ئۇرۇشى» تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەپەر قازىنىشى بىلەن نەتىجىلەندى.
  • 1923 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسپانىيەدە ئارمىيە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.
  • 1943 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جاڭ جېشى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولدى.
  • 1968 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالبانىيە ۋارشاۋا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلدى.
  • 1980 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان باش ئىشتاب باشلىقى كەنان ئەۋرەن دۆلەت باشلىقى بولدى. ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى.
  • 1991 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە پۇتبول ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخس مەتىن ئوكتاي قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
  • 1993 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پەلەسىتن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياسىر ئەرەفات بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىسھاق رابىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونى ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر