تارىختىكى بۈگۈن: 23.08.2019
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزدا ھۇزۇرۇڭلاردا...
1257194
- يىل 634، 23-ئاۋغۇست...
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
- 1305-يىلى 23-ئاۋغۇست «قەيسەر يۈرەك» ناملىق كىنو فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى شوتلاندىيەلىك ۋەتەنپەرۋەر ۋىليام ۋوللېس (William Wallace) لوندوندا قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.
- 1514-يىلى 23-ئاۋغۇست ياۋۇز سۇلتان سەلىم قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قوشۇنى «چالدىران ئۇرۇشى» دا شاھ ئىسمائىلنىڭ قوشۇنىنى يەڭدى.
- 1921-يىلى 23-ئاۋغۇست ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قىيىن ئۇرۇشىدىن بىرى بولغان «ساكاريا مەيدان جېڭى» باشلاندى.
- 1923-يىلى 23-ئاۋغۇست تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) لىسبون كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
- 1925-يىلى 23-ئاۋغۇست جۇمھۇر رەئىس مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك كاستامونودا شەپكە ۋە كىيىم-كېچەك ئىنقىلابىنى باشلىدى.
- 1939-يىلى 23-ئاۋغۇست گېرمانىيە بىلەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۇجۇم قىلماسلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ گىتلېرنىڭ پولشانى ئىشغال قىلىشىنى ئاسانلاشتۇردى.
- 1942-يىلى 23-ئاۋغۇست ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن «ستالىنگراد جېڭى» باشلاندى.
- 1944-يىلى 23-ئاۋغۇست ئامېرىكانىڭ بىر ئايروپىلانى ئەنگلىيەنىڭ فرېكلېتون (Freckleton) شەھىرىدىكى مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 61 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
- 1990-يىلى 23-ئاۋغۇست غەربىي گېرمانىيە بىلەن شەرقىي گېرمانىيە 3-ئۆكتەبىردە بىرلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
- 2000-يىلى 23-ئاۋغۇست گالف ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بەھرەين ئەتراپىدىكى بەسرە بوغۇزىغا چۈشۈپ كەتتى ۋە 143 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
- 2005-يىلى 23-ئاۋغۇست پېرۇدا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 41 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...