تارىختىكى بۈگۈن: 11– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1251328
تارىختىكى بۈگۈن: 11– ئاۋغۇست
  • بۈگۈن 2019 – يىلى 11 – ئاۋغۇست.
  • 1473 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فاتىھ سۇلتان مەھمەت قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارمىيەسى، «ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشى» دا، ئۇزۇن ھەسەن قوماندانلىقىدىكى ئاققويۇنلۇ ئارمىيەسىنى يەڭدى. بۇ مەبلۇبىيەت بىلەن تەڭ، ئاققويۇنلۇ دۆلىتى تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشتى.
  • 1934 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئالكاتراز قۇشچىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن فىلىملەرنىڭ تېمىسى بولغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى «ئالكاتراز ئارىلى»  تۈرمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
  • 1952 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىيوردانىيە پارلامېنتى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ قالغان پادىشاھ تەللالنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ 18 ياشلىق ئوغلى ھۈسەيىننى پادىشاھلىققا سايلىدى.
  • 1966 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇدا 3 يىل داۋاملاشقان «مالايشىيا – ھىندونېزىيە ئۇرۇشى» ئاخىرلاشتى.
  • 1980 – يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ماۋ زېدوڭ دەۋرى ئاخىرلاشتى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ماۋ زېدوڭغا مۇناسىۋەتلىك فوتو سۈرەتلەر، باياناتلار ۋە ئېلانلارنى چەكلىدى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر