تارىختىكى بۈگۈن: 09.08.2019
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
1250607
- يىل 1173، 9-ئاۋغۇست...
- دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر تارىخىي يادىكارلىقلاردىن بىرى بولغان پىسا مۇنارىنىڭ قوڭغۇراق قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى. ئېگىزلىكى 56 مېتىر كېلىدىغان سەككىز قەۋەتلىك پىسا مۇنارىنىڭ قۇرۇلۇشى 1190-يىلى ئاخىرلاشتى.
- 1915-يىلى 9-ئاۋغۇست پولكوۋنىك مۇستاپا كامال قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قوشۇنى جاناققەلئەدە 1-ئالدىنقى سەپنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
- 1942-يىلى 9-ئاۋغۇست ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭلاردا ماخاتما گەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 رەھبەر ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
- 1945-يىلى 9-ئاۋغۇست ئامېرىكا 2-ئاتوم بومبىسىنى ياپونىيەنىڭ ناگاساكى ئارىلغا تاشلىدى. پارتلاشتا 40 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ئىمپېراتور ھىروخىتو تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.
- 1975-يىلى 9-ئاۋغۇست قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئارالنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان 9 مىڭ تۈرك شىمالغا كۆچۈشكە باشلىدى.
- 1992-يىلى 9-ئاۋغۇست 25-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...