تارىختىكى بۈگۈن: 27 – ئىيۇل

نەۋزات مەمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1243341
تارىختىكى بۈگۈن: 27 – ئىيۇل

بۈگۈن 2019 – يىلى 27 – ئىيۇل.

  • 1302 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى بەگلىكى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى «قويۇنھىسار ئۇرۇشى»، ئوسمان غازىنىڭ زەپىرى بىلەن نەتىجىلەندى.
  • 1921 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىيوخىمىك فدېرىك بانتىڭ رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقاتچىلار،  ئىنسۇلىن گورمونىنى كەشپ قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
  • 1949 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى رېئاكتىۋ موتورلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى « De Havilland Comet» دەسلەپكى ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. تۇنجى سودا ئۇچۇشىنى بولسا 1952 – يىلى مايدا روياپقا چىقاردى.
  • 1964 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىكلەر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
  • 1976 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى بۈلەنت ئەجەۋىت ۋالدورف ئاستورىئا مېھمانخانىسىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، قىبرىسلىق رۇم ستاۋىروس سپوپېترىدېس ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇندى.
  • 1996 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىيەت مۇسابىقىسى باغچىسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، نەق مەيدانغا يۈگرەپ بارغان TRT كامېرامانى مەلىھ ئۇزۇنيولمۇ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ ئۆلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر