تارىختىكى بۈگۈن: 26 – ئىيۇل
نەۋزات مەمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1242747
- 1856 – يىلى 26 – ئىيۇلدا، ئىرېلاندىيەلىك ژۇرنالىست، مۇزىكا ئوبزورچىسى ۋە ئويۇن يازغۇچىسى جورج بېرنارد شاۋ دۇنياغا كەلدى.
- 1914 – يىلى 26 – ئىيۇلدا، سېربىيە ۋە بۇلغارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى.
- 1933 – يىلى 26 – ئىيۇلدا ئادولف گىتلېر، كۆزى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان مېيىپ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئاختا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
- 1944 – يىلى 26 – ئىيۇلدا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى غەربىي ئۇكرائىناغا كىرىپ، ناتسىستلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بەردى.
- 1945 – يىلى 26 – ئىيۇلدا، ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ئىشچى پارتىيەسى غەلىبە قىلدى. كلېمېنت ئاتلې باش ۋەزىر بولدى، ۋىنستون چۇرچىل ۋاپات بولدى.
- 1953 – يىلى 26 - ئىيۇلدا، كۇبادا مونكادا گازارمىسىغا بېسىپ كىرىلىش بىلەن تەڭ ئىنقىلاب باشلاندى، ئىنقىلابچىلارنىڭ رەھبىرى فىدېل كاسترو قولغا ئېلىندى.
- 1974 – يىلى 26 – ئىيۇلدا، ئۇدا 7 يىل داۋاملاشقان ھەربىي ھاكىمىيەتتىن كېيىن، گىرېتسىيەدە كونستانتىن كارامانلىسنىڭ باش مىنىستىرلىقىدا ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىندى.
- 1974 – يىلى 26 – ئىيۇلدا، قىبرىستا باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۇران گۈنەش قاتناشتى. گۈنەش، مۇزاكىرىلەر جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، «ئۇرۇش توختىتىش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ مەلۇم ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى.
- 1994 – يىلى 26 – ئىيۇلدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېستونىيەدىن چېكىنىشىگە ئالاقىدار قارارنامىنى ماقۇللىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...