تارىختىكى بۈگۈن: 27.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1226237
تارىختىكى بۈگۈن: 27.06.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى 27 - ئىيۇن.

1693يىلى 27ئىيۇندا، تۇنجى ئاياللار ژۇرنىلى «The Ladies' Mercury» لوندوندا نەشىر قىلىنغان ئىدى.

1905يىلى 27ئىيۇندا قۇرتلۇق يېمەككە قارشى چىققانلارنىڭ ئوققا تۇتۇلىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتى «Potemkin» نىڭ خادىملىرى قارا دېڭىزدا ئىسيان كۆتۈرۈپ، پاراخوتنى ئودېسساغا ئېلىپ كەتكەن ۋە بىرىنچى رۇسىيە ئىنقىلابى ئودېسسادا باشلانغان ئىدى.

1918يىلى 27ئىيۇندا، ئەزەربەيجاندا تۈرك تىلى رەسمىي دۆلەت تىلى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

1954يىلى 27ئىيۇندا، دۇنيانىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى موسكۋاغا يېقىن ئوبنىنىسكىدە قۇرۇلغان ئىدى.

1967يىلى 27ئىيۇندا دۇنيانىڭ تۇنجى پۇل ئېلىش ماشىنىسى لوندوننىڭ ئېنفېلد رايونىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر