تارىختىكى بۈگۈن: 26– ئىيۇن
گۈلشەن ئايۋاز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1225556
- 1919 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېلىسىپىتنىڭ پاتېنتى گېرمان بارون كارل ۋون درائىس تەرىپىدىن ئېلىندى.
- 1924 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇبېركۇليوز ۋاكسىسىنى ئالبېرت كالمېتتې ۋا كامىللې گۇئېرىن ئىسىملىك ئىككى فىرانسىيەلىك تەرىپىدىن كەشپ قىلىندى.
- 1928 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى تۈرك ئېلىپبەسىنى تەييارلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تىل تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى ئەنقەرەدە چاقىرىلدى.
- 1936 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ناتسىسلار گېرمانىيەسىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن « Focke-Wulf Fw 61» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ دەسلەپكى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاندى.
- 1945 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ھەيئىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەندىنامىسى ۋە خەلقئارا دائىمىي ئەدلىيە مەھكىمىسى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...