تارىختىكى بۈگۈن: 23.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1223296
تارىختىكى بۈگۈن: 23.06.2019

■ 1894 – يىلى 23 – ئىيۇندا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى پارىژدا قۇرۇلدى.

■ 1901 – يىلى 23 – ئىيۇندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دەۋرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان، رومان، ھېكايە، ماقالە ژانېرلىرى بويىچە ئەسەرلەرنى يازغان ۋە شېئىرلىرى ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەر چەمبىرىكى ھاسىل قىلغان تۈرك يازغۇچى، شائىر ئاھمەت ھامدى تانپىنار دۇنياغا كەلدى.

■ 1939 – يىلى 23 – ئىيۇندا فىرانسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، خاتايغا ئالاقىدار بارلىق ھەق تەلەپ قىلىشلىرىدىن ۋاز كېچىپ، شەھەرنىڭ تۈركىيەنىڭ بىر ۋىلايىتى سۈپىتىدە قوشۇۋېلىنىشىنى قوبۇل قىلدى.

■ 1954 – يىلى 23 – ئىيۇندا پىروفېسسور نۈزھەت گۆكدوغان، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، تۇنجى ئايال فاكۇلتېت مۇدىرى بولدى.

■ 2011 – يىلى 23 – ئىيۇندا پۈتكۈل دۇنيادا كومىسسار كولۇمبو ئوبرازى بىلەن تونۇلغان، ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى پېتېر فالك ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر