تارىختىكى بۈگۈن: 28.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1209269
تارىختىكى بۈگۈن: 28.05.2019

■ 1812 – يىلى 28 – مايدا  ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا بۇكرەش ئەھدىنامىسى ئىمزالاندى ۋە ئوسمانلى – رۇس ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

■ 1830 – يىلى 28 – مايدا  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ئاندرېۋ جاكسون، ئامېرىكا ئىندىيانلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن چىقىرىلىپ، باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچقان يەرلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇش قانۇنىنى ئىمزالىدى.

■ 1913 – يىلى 28 – مايدا ئوسمانلى دۆلىتىدىكى تۇنجى ئاياللار تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان «تەئالىئى نىسۋان جەمئىيىتى (يەنى ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۈكسەلتىش جەمئىيىتى) قۇرۇلدى.

■ 1918 – يىلى 28 – مايدا مەھمەت ئەمىن رەسۇلزادە رىياسەتچىلىكىدىكى ئەزەربەيجان مىللىي شۇراسى، گىرۇزىيەنىڭ تىفلىس شەھىرىدە ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. 23 ئاي ئۆمۈر سۈرگەن بولۇشىغا قارىماي، ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئەللىرى ئىچىدە قۇرۇلغان تۇنجى پارلامېنتلىق دېموكراتىك قانۇن دۆلىتى بولۇشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. 28 – ماي ئەزەربەيجاندا 1990 – يىلىدىن بۇيان بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

■ 1952 – يىلى 28 – مايدا  گىرېتسىيەدە ئاياللارغا سايلاش ھوقۇقى بېرىلدى.

■ 1954 – يىلى 28 – مايدا ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى، ئەڭ كۆپ سۆزلىشىلىدىغان تىللار قاتارىغا تۈركچىنىمۇ كىرگۈزدى.

■ 1961 – يىلى 28 – مايدا   خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى لوندوندا قۇرۇلدى.

■ 1968 – يىلى 28 – مايدا  تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ گەۋدىلىك شائىرلىرىدىن ئەدىب جانسەۋەر ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر