تارىختىكى بۈگۈن: 27.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1208770
تارىختىكى بۈگۈن: 27.05.2019

يىل 1905، 27-ماي، تىسۇشىما جېڭى باشلىدى، ئەتىسى ياپونىيە  ھەربىي پاراخوتى رۇسىيە دېڭىز پاراخوتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، بۇ جەڭ دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى مودېرن دېڭىز جېڭى ھېسابلىنىدۇ.

1907-يىلى 27-مايدا سان فىرانسىسكو ۋە كالىفورنىيە ئىشاتلىرىدا ۋابا كېسەللىكى باش كۆتۈردى.

يىل 1953، 27-ماي، پارىژدا بېلگىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە ۋە غەربىي گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ياۋروپا مۇداپىئە بىرلىكى ئەھدىنامىسى ھاسىل قىلىندى.

1960-يىلى 27-مايدا تۈركىيەدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى.  

1999-يىلى 27-ماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرى سوت مەھكىمىسى، سابىق يۇگوسلاۋىيە دۆلەت رەئىسى سلوبودان مىلوشۋېچنى كوسوۋۇدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ باش مەسئۇلى بولۇش ۋە ئالبانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

يىل 2001، 27-ماي، 53 دۆلەت ئافرىقا ئەللىرى ئىتتپاقىنى قۇرۇپ چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر