تارىختىكى بۈگۈن: 24– ماي
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1205186
- 1844 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى سامۇئېل مورس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىن بالتىموردىكى بىر پويىز ئىستانسىسىغا ئۆزى ئىجاد قىلغان مورس ئېلىپبەسى بىلەن تۇنجى تېلېگراممىسىنى يوللىدى.
- 1924 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چەت ئەللىك شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان «ئانادولۇ تۆمۈر يوللىرى شىركىتى» نىڭ مىللىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چىقىرىلغان قانۇن ئارقىلىق «ئانادولۇ باغداد تۆمۈر يوللىرى مۇدىرىيەيى ئۇمۇمىيەسى» قۇرۇلدى.
- 1956 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى قېتىملىق «ياۋروپا ناخشا – ئۇسسۇل مۇسابىقىسى»، شىۋېيتسارىيەنىڭ لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىدە، شىۋېيتسارىيەلىك لىيس ئاسسىئا بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
- 1964 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پېرۇ ۋە ئارگېنتىنا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان قىستا – قىستاڭچىلىقتا 318 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 500 دەك كىشى يارىلاندى.
- 2003 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لاتۋىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 48 – نۆۋەتلىك «ياۋروپا ناخشا – ئۇسسۇل مۇسابىقىسى» گە تۈركىيەگە ۋەكالىتەن قاتناشقان سەرتاب ئەرەنەر، « Everyway That I Can » ناملىق ناخشىسى بىلەن تۇنجى قېتىم بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...