تارىختىكى بۈگۈن: 23.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1206525
تارىختىكى بۈگۈن: 23.05.2019

 

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 23 – ماي

 

1906يىلى 23مايدا نورۋېگىيەلىك سىنارىست، يازغۇچى، شائىر ۋە زامانىۋى تىياتىرنىڭ باشلامچىلىرىدىن ھېنرىك ئىبسەن ئۆلگەن ئىدى.

 

1919يىلى 23مايدا ئىزمىرنىڭ بىرلەشمە تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇل سۇلتان ئەھمەدتە كەڭ كالەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن ۋە يىغىلىشقا 200 مىڭ كىشى قاتناشقان ئىدى.

 

1945يىلى 23 مايدا ناتسىست سوتسالىزمى رەھبەرلىرىدىن بىرسى شۇنداقلا گاستاپونىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئادىمى ۋە گىتلېرنىڭ ياۋروپادىكى يەھۇدىلارنى يوقۇتۇش پىروگراممىسىنىڭ ئىجادكارى ھېنرىچ ھىملېر ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىدى.

 

ئىسانبۇلغا 117 يىل مۇلازىمەت قىلغان گالاتا كۆۋرۈكى 1992يىلى 23مايدا ئورنىدىن يۆتكىلىپ ھالىچقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

 

1996يىلى 23مايدا تۈركىيە ناخشىچىسى، مۇزكانت ۋە كىنو چولپىنى تانجۇ ئوكان ئۆلگەن ئىدى. 

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر