تارىختىكى بۈگۈن: 18.05.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2019 – يىلى 18 – ماي
1804 – يىلى 18 – مايدا ناپالىيون بوناپارت فىرانسىيە ئىمپېرىيەسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
1910 – يىلى 18 - مايدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بىردىن بىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدىغان «ھالېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى» دۇنيانىڭ تولىمۇ يېقىنىدىن ئۆتكەن ئىدى.
1915 – يىلى 18 – مايدا چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ئاتاقلىق مەرگىنى بولغان بىر تۈرك قىزى شېھىت بولغان ئىدى. چاناققەلئە ئۇرۇشىدا بەزى تۈرك ئاياللارمۇ مەرگەن بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.
1944 – يىلى 18 – مايدا قىرىم تاتار سۈرگىنى يۈز بەرگەن بولۇپ، جوسېف ستالىن قىرىم تارتارلىرىنى ناتسىستلار بىلەن ھەمكارلاشقان دەپ ئەيىبلىگەن ۋە قىرم يېرىم ئارىلىدىن سۈرگۈن قىلغان ئىدى. سۈرگۈندە ۋاپات بولغان قىرىم تاتارلىرى سانىنىڭ 110 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم.
1974 – يىلى 18 – مايدا ھىندىستان تار چۆلىدە تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى نەتىجىلىك سىناق قىلغان ئىدى. «كۈلۈمسىرىگەن بۇددا» دەپ نام بېرىلگەن بۇ لايىھە ئارقىلىق ھىندىستان يادرو قورال كۈچىگە ئىگە 6 – دۆلەت بولغان ئىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...