تارىختىكى بۈگۈن: 17 – ماي

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1200782
تارىختىكى بۈگۈن: 17 – ماي
  • 1880 – يىلى 17 – ماي كۈنى تۈرك يازغۇچى، شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى زىيا پاشا ۋاپات بولدى.
  • 1940 – يىلى 17 – ماي كۈنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە قىسىملىرى بېلگىيەنى ئىشغال قىلىپ، بىريۇسسېلغا بېسىپ كىردى.
  • 1954 – يىلى 17 – ماي كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىك بالىلارنىڭ ئاق تەنلىك بالىلار  بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇشى چەكلەنگەن قانۇن بىكار قىلىندى.
  • 1957 – يىلى 17 – ماي كۈنى تۈرك يازغۇچى، نەسىرچى ۋە ئوبزورچى نۇرۇللاھ ئاتاچ ئىستانبۇلدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
  • 1995 – يىلى 17 – ماي كۈنى تۈرك تاغچى، يازغۇچى ۋە فوتو سۈرەتچى ناسۇھ ماھرۇقى جۇمولاڭما چوققىسىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دۇنيا تارىخىدىكى «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا» ھېسابلىنىدىغان جۇمولاڭما چوققىسىغا چىققان تۇنجى تۈرك ۋە تۇنجى مۇسۇلمان تاغچى بولۇپ قالدى.
  • 2000 – يىلى 17 – ماي كۈنى گالاتاساراي كوماندىسى  UEFA ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، گالاتاساراي كوماندىسى ياۋروپادا پۇتبول لوڭقىسىغا ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك پۇتبول كوماندىسى بولۇپ قالدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر