تارىختىكى بۈگۈن: 15 – ماي

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1200413
تارىختىكى بۈگۈن: 15 – ماي
  • 1718 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەلىك ئادۋۇكات جەيمس پاكېل پىلىمۇتنى ئىجاد قىلدى.
  • 1756 – يىلى بۈگۈن كۈندە، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشىدە ئەنگلىيەنىڭ فىرانسىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن، «فىرانسىيە – ئىندىئانلار ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتالغان «يەتتە يىللىق ئۇرۇش» باشلاندى.
  • 1919 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى گىرېتسىيە ئىزمىرنى ئىشغال قىلدى. ژۇرنالىست ھەسەن تانسىن ۋە ھەربىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پولكوۋنىك سۇلايمان فەتھى گىرېتسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى ۋە تۈركىيە «ئازادلىق ئۇرۇشى» نىڭ تۇنجى شېھىتلىرىدىن بولۇپ قالدى.
  • 1928 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە « Walt Disney » مەشھۇر پىرسۇناژى بولغان « Miki Fare » تۇنجى قېتىم قويۇلغان كارتون فىلىم « Plane Crazy » تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر