تارىختىكى بۈگۈن: 14.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1200583
تارىختىكى بۈگۈن: 14.05.2019

■ 1796 – يىلى 14 – مايدا ئەنگلىيەلىك ۋىراچ ئېدۋارد جېننېر تۇنجى چېچەك ۋاكسىنىسىنى سالدى.

1948 – يىلى 14 – مايدا   مۇستەقىل ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئىنگلىزلار پەلەستىن زېمىنلىرىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، يەھۇدىي مىللىي كېڭىشى تېل ئاۋىۋدا يىغىن چاقىرىپ، مۇستەقىل ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

■ 1973 – يىلى 14 – مايدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنجى ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى - سكايلاب بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى.

■ 1987 – يىلى 14 – مايدا بىر چاغلارنىڭ مەشھۇر ئارتىسى رىتا ھايۋورت نيۇ يوركتا ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1995 – يىلى 14 – مايدا ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى ۋە كىنو ئارتىسى فرانك سىناترا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر