تارىختىكى بۈگۈن: 08.05.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
يىل 1880، 8-ماي، ئەدەبىيات ئوبروزچىلىرى تەرىپىدىن چاغداش رومانچىلىق ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىسى قوبۇل قىلىنغان، 19-ئەسىردىكى ئىجتىمائىي رىئاللىقىنى يورىتىپ بەرگەن ۋە دۇنيا كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە ئورۇن ئالغان «مادامې بوۋارى»ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى گۇستاۋې فلوبېرت ئۆلدى.
ئاتلانتالىق خىمىيەچى ۋە دورىگەر جون پېمببېرتون، 1886-يىلى 8-مايدا مەشھۇر ئىچىملىك كولانى ئىجاد قىلدى.
1902-يىلى 8-مايدا، مارتتىنىك ئارىلىدىكى پېلې يانار تېغى پارتىلدى. تۇمان، گاز، كۈللەر 3 مىنۇت ئىچىدىلا سائنت پىيىر پورت شەھىرىنى يۇتۇپ 30 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
يىل 1987، 8-ماي، «ئون يىلدا رەسىم»، «شەرقتە رەسىم»ۋە «خاتىرىلاردىن تامچىلار»ناملىق كىتابلىرى بولغان داڭلىق رەسسام، مۇزىكانت ۋە ژۇرنالىست ئەلىف ناجى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.
1998-يىلى دۆلەتلىك سەنئەتچى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تىياتىر، كىنو ئارتىسى ۋە رىژىسسور زەكى ئالاسيا، 2015-يىلى 8-مايدا ۋاپات بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...