تارىختىكى بۈگۈن: 3 – ماي

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1194258
تارىختىكى بۈگۈن: 3 – ماي
  • 1481 - يىلى 3-ماي كۈنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان ۋاپات بولدى. 21 يېشىدا ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى بىر دەۋرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان جاھان ئىمپېراتورى، بۇ پەتىھ ئارقىلىق مىڭ يىللىق ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىمۇ يىمىرىپ تاشلىغان بولدى.
  • 1920 – يىلى 3 – ماي كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۇنجى مىنىستىرلار كېڭىشى ھېسابلىنىدىغان «ئىجرائىيە ۋەكىللىرى ھەيئىتى» قۇرۇلدى. «ئىجرائىيە ۋەكىللىرى ھەيئىتى» مۇستافا كامال پاشانىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۇنجى قېتىملىق يىغىن چاقىردى.
  • 1934 – يىلى 3 – ماي كۈنى قەيسەرىدىكى ئايروپىلان زاۋۇتىدا ياسالغان «ئوۋچى ئايروپىلانى» 50 مىنۇتلۇق ئۇچۇشتىن كېيىن قەيسەرىدىن ئەنقەرەگە كەلدى.
  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1993 – يىلى 20 – دېكابىر كۈنى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 3 – ماي كۈنىنى «دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەركىنلىك كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر