تارىختىكى بۈگۈن: 19 – ئاپرېل

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1186307
تارىختىكى بۈگۈن: 19 – ئاپرېل
  • 1775 - يىلى 19-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئىنقىلابى باشلاندى. ئامېرىكا ئىنقىلابى ياكى باشقا ئىسمى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى، 1775 – يىلدىن  1783 – يىلغىچە ئەنگلىيە بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكە ئوتتۇرىسىدا داۋاملاشقان مۇستەقىللىق كۈرىشىدۇر.
  • 1904 – يىلى 19 – ئاپرېل كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە شەھەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆيۈپ، خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى.
  • 1919 – يىلى 19 – ئاپرېل كۈنى فىرانسىيەنىڭ «ئازادلىق سېمۋولى» ھېسابلىنىدىغان Jeanne d'Arc  تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلۈپ 490 يىل ئۆتكەندىن كېيىن «ئۇلۇغ زات» دەپ ئېلان قىلدى.
  • 1926 – يىلى 19 – ئۋل كۈنى تۈركىيە دېڭىز سۇلىرىدا ھەر تۈرلۈك دېڭىزچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى پەقەت  تۈركىيە پۇقرالىرىغىلا خاس قىلىنغان ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ دېڭىز قىرغىقى سودىسى ھوقۇقىغا خاتىمە بېرىلگەن دېڭىز قىرغىقى سودىسى قانۇنى قوبۇل قىلىندى.
  • 1947 – يىلى 19 – ئاپرېل كۈنى ھىندىستاندا مەجلىس پارتىيەسى، دۆلەتنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىشىنى قوبۇل قىلدى.
  • 1971 – يىلى 19 – ئاپرېل كۈنى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى « Salyut 1» ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.
  • 1987 – يىلى 19 – ئاپرېل كۈنى دۇنياغا داڭلىق «<سىمپسونلار> كارتون تېلېۋىزىيە تىياتىرى» تېلېۋىزىيەلەردە قويۇلۇشقا باشلىدى.
  • 1999 – يىلى 19 – ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى « Bundestag » بوندىن بېرلىنغا يۆتكەلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر