تارىختىكى بۈگۈن: 10 – ئاپرېل

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1180483
تارىختىكى بۈگۈن: 10 – ئاپرېل
  • يىل 1845، 10-ئاپرېل...
  •  ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدا تانزىماتتىن بۇرۇنقى سۇباشى (قوماندان)، ئاسەسباشى (كېچە كۆزەتچىلىك قىلىدىغان ھەربىي قىسىم) قاتارلىق ئۇنۋانلار بىلەن بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئاسايىشنى زامانىۋى قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، تۈرك ساقچى تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
  • مېكسىكالىق ئىنقىلابچى رەھبەر ئېمىلىيانو زاپاتا (Emiliano Zapata) 1919-يىلى 10-ئاپرېل مېكسىكا ھۆكۈمەت قىسمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
  • 1926-يىلى 10-ئاپرېل ھەر قانداق تۈركىيە شىركەتلىرى ۋە مۇئەسسەلەردە رەسمىيەت ۋە خىزمەت ھۆججەتلىرىنىڭ تۈركچە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىلدى.
  •  1950-يىلى 10-ئاپرېل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تۇنجى ئارمىيە ئىشتابى قوماندانى بولغان مارشال فەۋزى چاقماق ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1941-يىلى 10-ئاپرېل مۇستەقىل كىرودىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. 1946-يىلى سابىق يۇگوسلاۋىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىلدى.
  • 1972-يىلى 10-ئاپرېل ئىراندا 7 بال يەر تەۋرىدى. فىرۇزاباد ۋە جەھروم شەھەرلىرى ۋەيران بولدى. بۇ يەر تەۋرەشتە تەخمىنەن 5000 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر