تارىختىكى بۈگۈن: 09.04.2019

تۆۋەندە فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1179484
تارىختىكى بۈگۈن: 09.04.2019

■ 1588 – يىلى 9 – ئاپرېلدا ئەدىرنەدىكى سەلىمىيە، ئىستانبۇلدىكى سۈلەيمانىيە ۋە شەھزادە جامەلىرىنىڭ مىمارى مىمار سىنان ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1932 – يىلى 9 – ئاپرېلدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاياللارغا بېرىلگەن ھوقۇقلار دائىرىسىدە تۇنجى ئايال سودىيە مۈرۈۋۋەت خانىم ئادانادا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى.

■ 1985 – يىلى 9 – ئاپرېلدا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ سەھنىگە چىقىشى چەكلىنىدىغان يىللاردا سەھنىگە چىققان، تۈرك تىياتىرىنىڭ تۇنجى ئايال ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولغان شازىيە مورال ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1998 – يىلى 9 – ئاپرېلدا مەككە مۇكەررەمەگە يېقىن مىنا رايونىدا 180 ھاجى نامزاتى شەيتانغا تاش ئېتىش ئەسناسىدا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

■ 2012 – يىلى 9 – ئاپرېلدا پۈتكۈل دۇنيادا زور قىزىقىش قوزغىغان «مۇھتەشەم يۈز يىل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سېنارىستى، ئارتىس، يازغۇچى مەرال ئوكاي ۋاپات بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر