تارىختىكى بۈگۈن: 29 – مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1173188
تارىختىكى بۈگۈن: 29 – مارت
  • يىل 1430، 29-مارت...
  • سۇلتان II-مۇرادنىڭ پەرمانى بىلەن يولغا ئاتلانغان ئوسمانلى ئارمىيەسى سەلانىكنى پەتھى قىلدى.
  • 1824-يىلى 29-مارت 19-ئەسىردە ياشىغان ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان گېرمانىيەلىك لۇدۋىگ بۈشنا (Ludwig Büchner) تۇغۇلدى.
  • 1966-يىلى 29-مارت تۈركىيەلىك مېمار، قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى، ھەر خىل ژانىردىكى رومان يازغۇچىسى، ئابدۇللاھ زىيا كوزانئوغلۇ ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1956-يىلى 29-مارت تۈركىيەلىك رېژىسسور فۇئات ئۇزكىناي ۋاپات بولدى. فۇئات ئۇزكىناي ئاياستېفانوس (Ayastefanos ) تىكى رۇسىيە ئابىدىسىنىڭ يىقىلىشىنى سۈرەتكە ئېلىپ، تۈركىيە كىنوچىلىقىدىكى تۇنجى فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان ئىدى.
  • 2010-يىلى 29-مارت رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئىككى ئايرىم مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 40 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.     


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر