تارىختىكى بۈگۈن: 25 – مارت
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
1170240
- يىل 1951، 25-مارت...
- ئىستانبۇلدا نەۋە شالوم سىناگوگى ئېچىلدى.
- 1957-يىلى 25-مارت فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەر رىم شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ۋە ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك «رىم كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى.
- 1975-يىلى 25-مارت سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فايسال زېھنى ئاجىز بولغان جىيەنى شاھزادە فايسال بىن مۇساد تەرىپىدىن رىيادتا ئۆلتۈرۈلدى.
- 1986-يىلى 25-مارتتا 14-نۆۋەتلىك ستراسبۇرگ فىلىم فېستېۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان مۇئاممەر ئۆزەرنىڭ «جەننەت» فىلىمى ۋە ئەلى ئۆزگەنتۈركنىڭ «جىسەكچى» فىلىمى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
- 2009-يىلى 25-مارت تۈركىيەدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ پارتىيەسى تەرىپىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...