تارىختىكى بۈگۈن: 20– مارت
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1166999
- 1792 – يىلى 20 – مارت كۈنى فىرانسىيە مىللىي مەجلىسى، دار ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى. فىرانسىيەلىك دوختۇر جوزېف ئىگناكې گۇئىللونتىننىڭ ئىسمىدىن تۈرلەنگەن دار ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، تۇنجى قېتىم 1792 – يىلى 25 – ئاپرېل كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
- 1916 – يىلى 20 – مارت كۈنى ئېينشتېين بىلىم دۇنياسىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغان « كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.
- 1956 – يىلى 20 – مارت كۈنى تۇنىس فىرانسىيەدىن مۇستەقىل بولدى. تۇنىسنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ھەبىب بۇرغىبا بولدى.
- 1971 – يىلى 20 – مارت كۈنى تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى فاتىھ رىفقى ئاتاي ۋاپات بولدى.
- 1995 – يىلى 20 – مارت كۈنى توكيو پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن سارىن زەھەرلىك گازى ھۇجۇمىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1300 كىشى يارىلاندى.
- 1996 – يىلى 20 – مارت كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى غالجىر ئىنەك (Mad Cow Disease - MCD) كېسەللىكىنىڭ ئىنسانلارغىمۇ يۇقۇشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...