تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 19 - مارت
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
■ 1406 – يىلى 19 – مارتتا تۇنىسلىق مۇتەپەككۇر، دۆلەت ئەربابى ۋە تارىخچى ئىبنى خەلدۇن ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبنى خەلدۇن 14 – ئەسىردە ياشىغان ئەڭ داڭلىق تارىخچىلارنىڭ بىرىدۇر.
■ 1452 – يىلى 19 – مارتتا III فرېدېرىك، پاپا تەرىپىدىن تاج كىيدۈرۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى روما ئىمپېراتورى بولدى.
■ 1866 – يىلى 19 – مارتتا ئوسمانلى ھۆكۈمىتى سۇۋەيش قانىلىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.
■ 1883 – يىلى 19 – مارتتا ئامېرىكىلىق ئاياغ تىككۈچى جان ئېرنست ماتزېلىگېر، بىر ئاياغ بىرلا قېتىم تىكىپ چىقالايدىغان تۇنجى ماشىنىنى ئىجاد قىلىپ، ئاياغ سانائىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتتى.
■ 1915 – يىلى 19 – مارتتا قۇياش سىستېمىسى پىلانېتالىرىدىن پىلۇتوننىڭ تۇنجى فوتو – سۈرىتى تارتىلدى. لېكىن، پىلۇتوننىڭ يېڭى بىر پىلانېتا ئىكەنلىكى ئۇ دەۋردە مۇئەييەنلەشتۈرۈلەلمىدى.
■ 1945 – يىلى 19 – مارتتا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇپ، 1925 – يىلى ئىمزالانغان تۈرك – سوۋېت دوستلۇق ۋە تەرەپسىزلىك كېلىشىمىنى يېڭىلىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
■ 2006 – يىلى 19 – مارتتا ئەزەربەيجان مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...