تارىختىكى بۈگۈن: 15 – مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1162060
تارىختىكى بۈگۈن: 15 – مارت
  • مىلادىدىن بۇرۇنقى 44-يىلى 15-مارت كۈنى دۇنيا تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسلەردىن بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان رىملىق ئەسكەر ۋە سىياسىي رەھبەر جۈل سېزار، برۈتۈس قاتارلىق بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن پىچاق تىقىلىپ ئۆلتۈرۈلدى.
  • 1892 – يىلى 15 – مارت كۈنى جېسسې ۋ. رېنو تەرىپىدىن «ئاپتوماتىك پەلەمپەي» پاتېنتى ئېلىندى.  پەلەملەيلىرى توختىماي ئايلىنىدىغان بىر قۇرۇلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاپتوماتىك پەلەمپەي، توك بىلەن ماڭاتتى.
  • 1921 – يىلى 15 – مارت كۈنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى تالات پاشا، ئەرمەنى سۈرگۈنىدە رولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 23 ياشلىق سوغومان تەھتىريان تەرىپىدىن بېرلىندا ئۆلتۈرۈلدى.
  • ياۋروپا چېمپىيون كوماندىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقسىدە گالاتاساراي كوماندىسى 1989 – يىلى 15 – مارت كۈنى ماناكو كوماندىسى بىلەن كۆلىندە جەڭگە چۈشتى. 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان مۇسابىقىدىن كېيىن، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى تۈركىيە كوماندىسى بولدى.
  • 2001 – يىلى 15 – مارت كۈنى ئىستانبۇل – موسكۋا ئارلىقىدا قاتناۋاتقان بىر ئايروپىلان چېچەن قاراقچىلىرى تەرىپىدىن قاچۇرۇلدى. مەدىنىگە قوندۇرۇلغان ئايروپىلانغا، سەئۇدى ئەرەبىستان تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ساقچى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، بىر تۈرك يولۇچى، بىر رۇس ئايال كۈتكۈچى ۋە بىر قاراقچى ئۆلدى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر