تارىختىكى بۈگۈن: 09.03.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1160081
تارىختىكى بۈگۈن: 09.03.2019

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 09 – مارت

1764يىلى 9مارتتا، پادىشاھ 3مۇستافا تەرىپىدىن ياسىتىلغان لالەلى جامەسى ئىبادەتكە ئېچىلغان ئىدى.

1788يىلى 9مارتتا، «NGC 2841» تاياقسىز بۇرمىلىق كۆك ئارىلى بايقالدى. «NGC 2841» ئەسلىدە چوڭ ئېيىق تاقىم يۇلتۇزلىرى ئارىسىدا بايقالغان بىر بۇرمىلىق، تاياقسىز كۆك ئارىلى بولۇپ، ئاتاقلىق ئاستىرونومىيە مۇتەخەسسىسى ۋىليام ھېرسچېل تەرىپىدىن بايقالغان ئىدى.   

1814يىلى 9مارتتا ناپالىيون قىسىملىرى داۋاملىق يېڭىلىپ، ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغان بىر مەزگلىدە، ۋىيانا قورۇلتىيى چاقىرىلدى. ۋىيانا قۇرۇلتىيى ياۋرودىكى چېگرالارنى ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن بەلگىلەش قارارى ماقۇللاش ئۈچۈن چاقىرىلغان قۇرۇلتاي ئىدى.

1842يىلى 9مارتتا كىيۇسىپپە ۋېردىنىڭ 3ئوپېرا ئەسىرى «نابۇككۇ» تۇنجى قېتىم مىلانودا سەھىنىلەشتۈرۈلدى. 

1935يىلى 9مارتتا گېتلىر يېڭى بىر ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1956يىلى 9مارتتا قىبرىس رۇم تەرەپ خەلق رەھبىرى باش پوپ ماكارىئوس ئەنگلىيە تەرىپىدىن سەيشەل ئاراللىرىغا سۈرگۈن قىلىندى.

1983يىلى 9مارتتىكى بېلگىراد ھۇجۇمىدا، تۈركىيەنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى غالىب بالقار، ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچى تەرىپىدىن يارىدار قىلىندى.  باش ئەلچى 2 كۈندىن كېيىن ۋاپات بولدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەرمەنىي تېررورلۇق تەشكىلاتى «JCAG» ۋە «ASALA» ئۆز ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر