تارىختىكى بۈگۈن: 20 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1148794
تارىختىكى بۈگۈن: 20 – فېۋرال
  • 1872 – يىلى 20 – فېۋرال كۈنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم  مۇزېيلاردىن بىرى بولغان «‹ Metropolitan Museum of Art ›  مۇزېيى» نىيۇ يوركتا ئېچىلدى.  
  • 1914 – يىلى 20 – فېۋرال كۈنى ئىستانبۇلدا تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق تىرامۋاي قاتنىشى باشلاندى. شۇنداق قىلىپ، ئىستانبۇلدا 1868 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئالتە دانە تىرامۋاينىڭ ئورنىنى 1914 – يىلى ئېلېكتىرونلۇق تىرامۋاي ئىگىلىدى.
  • 1970 – يىلى 20  - فېۋرال كۈنى «<بوغازئىچى كۆۋرۈكى> قۇرۇلۇشى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت سۇناي ۋە باش مىنىستىرى سۇلايمان دەمىرەل تەرىپىدىن مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇش ئۇدا ئۈچ يىلدا تاماملاندى. بۇ، قارادېڭىز بىلەن مارماردا دېڭىزىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان «ئىستانبۇل بوغۇزى» دىكى ئۈچ ئاسما كۆۋرۈكتىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
  • 1988 – يىلى 20 – فېۋرال كۈنى تاغلىق قاراباغ ئاپتونوم رايونى ئەزەربەيجاندىن ئايرىلىپ، ئەرمېنىيە بىلەن بىرلىشىش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزدى. بۇ سايلام «قاراباغ ئۇرۇشى» نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر