تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 19 - فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1147964
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 19 - فېۋرال

■  1861 – يىلى 19 – فېۋرالدا رۇسىيەدە مەدىكارلىق تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مەدىكارلار، فېئودال تۈزۈملەردىكى كۈچلۈك بەگلەر، خوجىدارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

■  1915 – يىلى 19 – فېۋرالدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ چاناققەلئەگە دېڭىزدىن يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى. چاناققەلئە ئۇرۇشى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا 1915 – 1916 – يىللىرى ئارىسىدا گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدۇر. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ھۇجۇملىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپ ناھايىتى ئېغىر يوقىتىشلارنى باشتىن كەچۈردى.

■  1925 – يىلى 19 – فېۋرالدا سىمسىز ئالاقىلىشىشقا ئالاقىدار قانۇن چىقتى. تۈركىيەدە رادىيونىڭ قۇرۇلۇشى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىندى.

■  1928 – يىلى 19 – فېۋرالدا مەقسىتى يوقسۇل ئاياللارغا ياردەم قىلىش بولغان «ھىمايەئى ئەتفال ئاياللار ياردەم جەمئىيىتى» قۇرۇلدى. جەمئىيەتنىڭ ئىسمى 1938 – يىلى ياردەمسۆيەرلەر جەمئىيىتىگە ئۆزگەرتىلدى.

■  1959 – يىلى 19 – فېۋرالدا لوندون قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى. مۇستەقىل قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان لوندون كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئەنگلىيە، تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە قىبرىستا كاپالەتچى دۆلەت بولدى.

■  1986 – يىلى 19 – فېۋرالدا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى مىر ئالەم ئىستانسىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا يوللىدى.

■  2008 – يىلى 19 – فېۋرالدا كۇبا لىدېرى فىدېل كاسترو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر