تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 17 - فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1146735
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 17 - فېۋرال

■  1926 – يىلى 17 – فېۋرالدا تۈرك نىكاھ قانۇنى قوبۇل قىلىندى. ئوسمانلى دەۋرىدىكى ئسىلامىي قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مەجەللە» نىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن نىكاھ قانۇنى، ئۇزۇن تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە شىۋېيتسارىيەدىن ئېلىندى. شىۋېيتسارىيە نىكاھ قانۇنىدىن ئېلىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ياۋروپادا ئەڭ ئاخىرىدا تەييارلانغان نىكاھ قانۇنى بولۇشى، دېموكراتىك بولۇشى ۋە ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىگە تايىنىدىغان بولۇشى ئىدى. ئەمدىلا قۇرۇلغان ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە قوبۇل قىلىنغان بۇ نىكاھ قانۇنى ئارقىلىق رەسمىي نىكاھ ۋە بىر خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، مىراس مەسىلىسىدە يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى، پاترىكخانا ۋە كونسۇلخانىلارنىڭ سوتلاش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تۈركىيەدە  قانۇن بىرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

■  1933 – يىلى 17 – فېۋرالدا قىرغىز شائىر ۋە مۇزىكانت توكتوگۇل ساتىلگانوۋ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. 13 يېشىدا شېئىر يېزىشقا باشلىغان ساتىلگانوۋ، ئادەتتە نەسىھەت خاراكتېرلىك شېئىرلارنى يازاتتى، ئۇلارنىڭ نوتىلىرىنى ئىشلەيتتى. قىزىل مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى نەزەردە تۇتۇلۇپ قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلار، مەكتەپلەرگە نامى قويۇلدى. سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇنىڭ نامى بىلەن قىرغىزىستان دۆلەت مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى.

■  1936 – يىلى 17 – فېۋرالدا لېې فالك ئىجاد قىلغان «قىزىل ماسكا» ئامېرىكىدىكى بىر گېزىتتە ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. سىزما رەسىم رومانلىرى دۇنياسىنىڭ تۇنجى «مەخسۇس كىيىملىك» قەھرىمان بولغان قىزىل ماسكا، دەسلەپكى چاغلىرىدا رەڭسىز ھالەتتە بېسىلدى. ئارقىدىن بەزى دۆلەتلەردە زەپىرەڭ كىيىملىك ھالەتتە تارقىتىلىشقا باشلاندى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنيادا قىزىل كىيىمى بىلەن تونۇلدى. قىرغىزىستان ماسكا پىرسوناژى، 400 يىل بۇرۇن كېمىسى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، يالغۇز ھالەتتە قۇرۇقلۇققا چىققان،  پىگمىلەر (كىچىك ئادەملەر) تەرىپىدىن داۋالانغان؛ پۈتۈن ئۆمرىنى دېڭىز قاراقچىلىقى، ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ياش بىر ئادەمنىڭ ھېكايىسىنى تېما قىلىدۇ.

■  1959 – يىلى 17 – فېۋرالدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئادنان مەندەرەس ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى لوندونغا ئېلىپ بارغان ئايروپىلان، گەيتۋىك ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتتى؛ قىبرىس توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن لوندونغا بارغان ھەيئەت ئولتۇرغان ئايروپىلان تۇمان تۈپەيلى مەجبۇرىي قونۇشنى تەلەپ قىلدى، بىراق بۇنداق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيلا بىر دەرەخزارلىققا چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەس سالامەت قۇتۇلدى، بىراق تۈركىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇدىرى شەرىف ئازىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئادەم قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر